ۋاڭ لېچۈەن جەنۇبىي رايونلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبى ھەققىدە توختالدى
2006.10.19
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېكىتىپ بەرگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت ، ئوبلاستنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ رايونلارنىڭ نامرات ۋە ئارقىدا قېلىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.
تەڭرىتاغ تورى 19 - ئۆكتەبىر كۈنى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ" :گەرچە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت ،ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز يۈكسىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تارىخىي، تەبىئىي شارائىتنىڭ توسالغۇلىرى تۈپەيلى، بۇ رايون يەنىلا بىر قەدەر نامرات ھېسابلىنىدۇ" .
بۇ ئارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ": خىتاي رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققى قىلماسلىقتىكى تۈپ سەۋەبىنى، ۋاڭ لېچۈەن تەكىتلىگەندەك تارىخىي ۋە تەبىئى شارائىتقا ئارتىپ كەلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ زېمىندىن چىققان بايلىقلارنى ئەنە شۇ تارىخىي ۋە تەبىئى شارائىتنى ئۆزگەرتىش ۋە ياخشىلاشقا سەرپ قىلغان ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل تۈردە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن يەنە، جەنۇبتا نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشى، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق يارىتىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن جەنۇبتىكى رايونلاردا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرى بولسا، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنىڭ ئاساسلىق چارىسى دەپ تەنقىد قىلماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن يەنە رابىيە خانىمنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى
- ۋاڭ لېچۈەن خىتاي ئەلچىخانىلىرىنى شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىشقا چاقىردى
- ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتاي تىلى ئۆگىتىش خىزمىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
- ۋاڭ لېچۈەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى يەنە سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى
- ۋاڭ لېچۈەن ئىلىدا يەنە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى