ۋاڭ لېچۇەن قازاقستاندا زىيارەتتە بولدى

قازاقىستان خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، قازاقىستان ئالماتا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئاكىم ئىمانغالى تاسماقانبىتوۋ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەننى قىزغىن قارشى ئالغان. خەۋەردە بايان قىلىشچە، ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇ قېتىمقى قازاقىستان زىيارىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا، بانكا، ئىجتىمائىي، مائارىپ، ساياھەت ۋە سىياسىي ساھەلەردە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالماتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ۋاڭ لېچۇەنگە ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئەمەلدارلىرى ھەمراھ بولغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن قازاقىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور زاكىيېۋ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن لېي زاكىيېۋقا ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تونۇشتۇرغان. (ۋەلى)