ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن "مالىيە" ژۇرنىلىدا خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى


2007.01.22

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى "مالىيە" ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، خۇ بېي ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى يۈي جىڭشىڭ ۋە مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخۇڭلار سەندۇڭ لۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئىككى خۇسۇسىي شىركەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش سودىسىدا خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

"مالىيە" ژۇرنىلىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سەندۇڭ لۇنىڭ شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ 73 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يارايدىغان 6.91 پىرسەنتلىك پاي چېكىنى بېيجىڭدىكى شوۋدا ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بىلەن بېيجىڭ گويۈەن بىرلەشمە چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى خۇسۇسىي شىركەتكە 3 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە ساتقان.

"مالىيە" ژۇرنىلى بۇ سودىنىڭ ئارقىسىدا ۋاڭ لېچۈەن، يۈي جىڭشىڭ ۋە زېڭ چىڭخۇڭلارنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈردى. "مالىيە" ژۇرنىلى 8 - يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىگە " لۇنىڭ شىركىتى كىمنىڭكى؟ " دەپ ماۋزۇ قويغان.

لۇنىڭ شىركىتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئېلېكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى بولۇپ، سەندۇڭدىكى ئەڭ چوڭ كارخانىلارنىڭ بىرى ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ۋاڭ لېچۈەننىڭ زېڭ چىڭخۇڭلار قاتارىدا مەزكۇر خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالغانلىقىنى تاسادىپى ئەمەس، دەپ قارىماقتا. ۋاڭ لېچۈەن، سەندۇڭ تەۋەلىكىدىكى خىتاي بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدا سىياسى بيۇروغا رەسمىي ئەزا بولغان تۇنجى پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ، سەندۇڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سودا سانائەت پائالىيىتىدە كۆۋرۈكلىك رول ئوينىماقتا ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.