ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى مۇكاپاتلىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېكىتكەن باش ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن، 31 ‏- يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدىكى ئەسكەر ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك جەڭچىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن چاغانلىق ھال سورىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ لېچۈەن ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنلىرىدىن ئىسمايىل تىلىۋالدى، جاپپار ھەبىبۇللا ۋە ھەربىي رايوننىڭ رەھبەرلىرى قاتارلىق ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي رايون قۇرۇقلۇق ئارمىيە، ئاۋىئاتسىيە قىسىملىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى مەشىق بازىلىرىغا بېرىپ، ئەسكەر ھەمدە ساقچىلارنى قوبۇل قىلغان شۇنىڭدەك ئۇلارنى پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغان.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبىرى زىڭ چىڭخۇڭ بىلەن بىرلىكتە غايەت زور مىقداردىكى خىيانەتچىلىك دىلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارالغاندىن بۇيان، بىر قىسىم كىشىلەر "ئۇيغۇر ئېلىدە ھاكىميەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئىككى قولى جىنايەت بىلەن تولغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەپتى - بەشىرىلىرى بىر - بىرلەپ ئېچىلىشقا باشلايدىغان بولدى" دېيىشكەن ئىدى.

بىراق، كۆزەتكۈچىلەر ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ ئارمىيە ۋە ساقچى قىسىملىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش تەشەببۈسلىرىدىن، ئۇنىڭ يەنىلا مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىشماقتا.

كوممۇنىستىك پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىپ كەلگەن قاتتىق قول سىياسىتى تۈپەيلى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)