ۋاڭ لېچۇەن سۇ ئامبىرى كۆچمەنلىرىنى يۈلەش سىياسىتىنى جاكارلىغان

تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن 4 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سۇئامبىرى كۆچمەنلىرىنى يۈلەش سىياسىتىنى جاكارلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى بۇ سىياسەتنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان. ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئېيتىشىچە، سۇ ئامبىرى كۆچمەنلىرىنى يۈلەش سىياسىتى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تۈزگەن مۇھىم سىياسەت.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، چوڭ -كېچىك سۇ ئامبارلىرى قۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇتلىرىدىن كۆچۈرىۋىتىلىدىغان كۆچمەن سانىنى دۆلەت 33 مىڭ 500 دەپ بېكىتكەن. بۇ كۈچمەنلەرگە ھەر يىلى 600 يۇەندىن 20 يىلغىچە پۇل بېرىلىدىكەن. 2006 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن كېيىن كۆچۈرۈلگەن كۆچمەنلەرگىمۇ 20 يىلغىچە پۇل بېرىلىدىكەن. ۋاڭ لېچۇەن سۆزىدە، سۇ ئامبىرى كۆچمەنلىرىنى يۈلەش سىياسىتىنى پەن-ئىلىمنى تەرەققى قىلدۇرۇش، شەھەر بىلەن يېزىنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش، رايونلاردىكى مۇقىملى قنى ساقلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مۇھىم سىياسەت دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. (ۋەلى)