ۋاڭ لېچۈەن خىتاي ئەلچىخانىلىرىنى شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىشقا چاقىردى


2006.08.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىنى شىنجاڭ ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن بۇ سۆزلىرىنى، ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە كەلگەن خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتىۋالغاندا قىلغان. ۋاڭ لېچۈەن ۋەكىللەرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك، مۇرەككەپ ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ۋاڭ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى چەتئەللەرگە ياخشى تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇرلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1996‏- يىلى چۈشۈرگەن 7‏-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، خىتاينىڭ ھەر قايسى چەتئەل دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە تىرىشىش كۆرسىتىلگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت