ۋاڭ لېچۈەن يەنە ئاتالمىش " ئۈچ خىل كۈچلەر" ھەققىدە توختالدى


2006.10.20

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، پەيشەنبە كۈنى ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ-7 نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئاتالمىش " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قاتار غەلىبىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن ئۇ، بۇ غەلىبىنىڭ نېمىلەردىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

ۋاڭ لېچۈەن، رايوندا " خىل كۈچلەر" گە قارشى سىتىرولۇق تور شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، " ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ھاۋادىن سىڭىپ كىرىشىگە قارشى سىتىرولۇق تور شەكىللەندى " دەيدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن بۇ يەردە چەتئەل رادىئولىرىنىڭ ئاڭلىتىشىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل رادىئو پروگراممىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى توسىماقتا ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا قىلماقتا. ۋاڭ لېچۈەن، تىبەت - شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - يېزىلارغىچە قاپلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كەڭ - كۆلەمدە يولغا قويۇلغانلىقىنى ۋە خىتاي رادىئو - تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى كۈرەشنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش، باش كۆتەرگەن ھامان زەربە بېرىش، ئالدىنئالا قول سېلىش" سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىلقى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاي دىنىي پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تېررورچىلار بىلەن بىر قاتاردا جازالىماقتا، دەپ ئەيىبلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.