خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
2005.03.09
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 10 -نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدا 60 نەپەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ جىنتاۋ پەيزىۋات ۋە مەكىتتىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ھەممىسى يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆيلەرگە كىرەلىدىمۇ؟ دەپ سورىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپەت رايونىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئۆلچەملىك ئۆيلەرگە كىرىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ۋاڭ لېچۈەن يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى 2 مىليون 500 مىڭ كەمبەغەل ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقسىز مائارىپقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقاندا، خۇ جىنتاۋ خۇشاللىق بىلەن " ناھايىتى ياخشى، سىلەر تېخى بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپسىلەر" دېگەن.
نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر، ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتچىلىقنىڭ ھېچقانچە ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھەتتا بىز ئىلگىرى تېلېفون قىلغان ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ئۆزىنى ھاللىق سەۋىيىدە ھېسابلايدىغان بىر دېھقان ئۇنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئاران 150 يۇەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باۋ توڭ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى
- جياڭ زېمىن خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن چۈشتى
- بېيجىڭدا ساقچىلار جىم ئولتۇرۇۋالغان ئەرز - شىكايەتچىلەرنى قولغا ئالدى
- "شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى" نىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن تەكلىپى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش بولدى
- خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى"قىزىق تېمىغا ئايلاندى