ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئامېرىكىغا قايتتى
2006.06.02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ زىيارەت ئۈمىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئامېرىكىغا قايتتى.
ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 13 كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى، رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە بىر قىزىنىڭ ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە "بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى داۋاملىق زىيارەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى" دەپ قاراپ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان.
خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار ئەسلى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. لېكىن زىيارەت ئۆمىكى خىتايلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىلانىنى بىكار قىلغان. ئىگىلىشىمىزچە، زىيارەت ئۆمىكى جۈمە كۈنى بېيجىڭدىن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىققان. خەۋەر يېزىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار سەپەر ئۈستىدە ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ۋە قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنى قولغا ئالغان. گەرچە نۆۋەتتە روشەنگۈل ئابدۇرېھىم قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملاررنىڭ قەيەرگە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھازىرغىچە ئېلان قىلمىدى.
ساقچىلار پەيشەنبە كۈنى رابىيە قادىرنىڭ 4 نەۋرە ۋە جىيەنىنى، كۈيئوغلى، كېلىنى ۋە 3 پەرزەنتىنى ئاپتوبۇستا ئۇلانبايغا ئېلىپ بېرىپ ئابلىكىم بىلەن ئالىمنى ئۇرغان. رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئابلىكىم ھازىر دوختۇرخانىدا بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر: مەن بالىلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن، بىز بەدەل تۆلەۋاتىمىز ھەم تۆلىشىمىز زۆرۈر...
- خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەكچى
- خىتاي، رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى رەسمىي قولغا ئالدى
- ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى يېڭى ئىدارە ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى