خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى ۋېن جىياباۋ 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى روسسىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىشىدا، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرىشىچە، ۋېن جىياباۋ ئۇيغۇر ئېلىنى تەكشۈرۈشكە كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ سانجى ئوبلاستىدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا مانېۋىر تۈسىنى ئالغان ھەربىي پاالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنىڭدەك ۋېن جىياباۋ سانجى ئوبلاستىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ۋەزىيىتىنى مۇقىم ۋە تېنچ دەپ كۆرسىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدە ھەربىي ھەركەتلىرىنى كۈچەيتىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە ھىس قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئەقىدە)