پۇكاڭدىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ئادەم ئۆلدى
2005.01.03
ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇكاڭ ناھىيىسىدىكى كەيشى 2 - كۆمۈر كېنىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت ئادەم ئۆلدى. بىر ئادەم يارىلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كان ئاستىدا ئۆلگەن ئىشچىلارنىڭ جەسىتىنى تاپقان.
ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ زۇۋانى " شىنجاڭ گېزىتى"، ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلغان. ئۈرۈمچىدىكى كۆمۈر كان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش دائىرىلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 7 نەپەر ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ 3 نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغان. ۋەقە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خۇسۇسىيلار كۆمۈر كېنى ئىدى.
كۆمۈر كانلار خىتايدا ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشلەپچىقىرىپ ئورنى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2004 - يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاي بويىچە كۆمۈر كان قازالىرىدا ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى، كۆمۈر كانلاردىكى بىختەرلىكنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ بىراق، بۇ خىل ۋەقەلەر داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشغا يول قويۇپ، ئىشچىلار مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىرماقتا.(ئەركىن)