چەرچەندە 6 كىشى پاتقاق گازىدا قازا قىلدى
2006.05.08
يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلى بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر سۇ پومپىلاش شىركىتىنىڭ 6 نەپەر ئىشچىسى پاتقاق گازىدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر سۇ پومپىلاش شىركىتى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەر ئاستى سۇ پومپىلاش سېستىمىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بىر نەپەر ئىشچى ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ پومپىلاش قۇدۇقىغا چۈشۈپ كەتكەن.
شۇ سەۋەبتىن 6 نەپەر ئىشچى بۇ كىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇدۇققا چۈشكەن. نەتىجىدە قۇدۇق ئاستىدىكى پاتقاق گازىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن بۇ ئىشچىلار زەھەرلىنىپ قالغان. گەرچە باشقا تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئاز دېگەندە 3 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ئىشچىلارنى تېپىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 6 سى ئۆلۈپ بولغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھايات قالغان بىر كىشى ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلماقتا.
خىتايدا خىزمەت جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان ھادىسىلەر كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، خىتاي خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تېكەستە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ 3 ئايال قازا قىلدى
- ئاقسۇدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ئوقۇغۇچى ئۆلدى
- خىتاينىڭ بىر تور بېتى لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىدا 750 مىڭ ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
- خىتاي ئىككى ئۇيغۇرنى پارتلىتىش سادىر قىلماقچى دەپ قولغا ئالدى