قەشقەردە يۈز بەرگەن 21 - ماي قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 15 كە يەتتى


2006.05.29

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن يېڭىسار ناھىيىسىگە كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر ھازىرغىچە 15 كە يەتتى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ئىز دېرىكى ئېلىنالمىغان بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ جەسىتى 28 - ماي كۈنى تېپىلغان.

بۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدىن يېڭىسار ناھىيىسىگە ماڭغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قۇمباش ئەتراپىدا بىر كۆرۈكتىن ئۆتۈۋېتىپ كونترولنى يوقۇتۇپ قويغان ۋە ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ ئاپتوبۇسدىكى 33 يولۇچىنىڭ 13 نەپىرى ئۆلگەن، 2 ئۆسمۈر بالا ئىز دېرەكسىز يوقالغان، 18 يولۇچى يارىلانغان ئىدى. ئىز - دېرەكسىز يوقالغان بالىلارنىڭ بىرىنىڭ جەسىتى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00 لەردە يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدىكى دەريا ئېقىنىدىن تېپىلدى. جەسەت تېپىلغان جاي قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن يەردىن 42 كىلومېتىر يىراقلىقتا.

ئاپتوبۇسنى روزى مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش ھەيدىگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.