ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن غەلىتە قاتناش ۋەقەسىدە دوختۇر ۋە ساقچىلار ئۆلدى


2006.06.23

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە جۈمە كۈنى ئارقا - ئارقىدىن غەلىتە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 7 ئادەم ئۆلدى. ئۆلگەنلەر ئىچىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان 3 قۇتقۇزۇش خادىمى بىلەن 2 ساقچى بار.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتناش ۋەقەسى 23 - ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېتەن تېز سۈرئەتلىك تاش يولىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 4: 00 لەردە بىر ماشىنا چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان 2 كىشىنى ئۇرۇۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا يولدىن ئۆتۈۋاتقان يەنە بىر ماشىنا ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى سوقىۋىتىپ، 2 ساقچى ۋە 3 نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "يۇقىرى سۈرئەتلىك بىر يۈك ماشىنىسى بىرىنچى قېتىم يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان ساقچى ۋە دوختۇرلارنى ئۇرۇۋەتتى " دەيدۇ.

بىرىنچى قېتىم ۋەقە پەيدا قىلىپ 2 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شوپۇر ماشىنىسى بىلەن قېچىپ كەتكەن. 2 - قېتىم ۋەقە سادىر قىلغان ماشىنىنىڭ شوپۇرى قولغا ئېلىندى. ساقچىلار قېچىپ كەتكەن ماشىنىنىڭ شوپۇرىنى پاش قىلغۇچىلارغا 10 مىڭ يۈئەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.