يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تۇرپاندا تاغلاردىن لاي-لاتقا سېرىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلۈپ، 15 كىشى قازا قىلدى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالتاي رايونىدا ئۇدا ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن ئالتاي شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا لاي-لاتقا سېرىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلۈپ، بۇ يەردىكى 4 چارۋىچى ئائىلىنىڭ چېدىر ئۆيلىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن ھەمدە 5 نەپەر چارۋىچى قازا قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇرپاندا تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن لاي-لاتقىلار بۇ يەردىكى تۆمۈر يولنىڭ بىر قىسىم بۆلىكىنى ئېقىتىپ كەتكەن ھەمدە شۇ سەۋەبتىن 10 نەپەر قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئۆلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىر قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. شۇنداقلا ۋەيران بولغان تۆمۈر يول بۆلەكلىرىمۇ قايتا ياسىلىپ پۈتكەن.
بۇ يىل ياز كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا كېلىماتىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ۋە ھۆل-يىغىننىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەلكۈن ۋە لاي-لاتقا سېرىلش ئاپەتلىرى كۆپ كۆرۈلمەكتە. (پەرىدە)