ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر ئىش ئۈستىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەردە 3122 ئادەم ئۆلگەن


2007-01-30
Share

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2006 - يىلى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي ئون ئىككى مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كان ۋەقەلىرى 73 قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ خىل ھادىسىلەردە ئۆلگەنلەر سانى 3122 گە يەتكەن.

بۇ ۋەقەلەر ئىچىدە ئۈچتىن توققۇزغىچە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەدىن 66 قېتىم يۈز بېرىپ جەمئىي 245 ئادەم ئۆلگەن. تۆت قېتىم ئوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر يىلدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدە 76مىليون 320 مىڭ يۈەن ئىقتىسادى زىيان كۆرۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇلتۇر يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش ئۆلۈم ھادىسىلىرىگە جاۋابكارلىقى بولغان 48 كىشىگە جازا كۆرگەن.

گەرچە بۇلتۇر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا نىسبەتەن ئازلىغان بولسىمۇ، ئەمما كان ۋەقەلىرىنىڭ نىسبىتى بۇرۇنقىدىن 33% يۇقىرىلىغان بولغاچقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا ناچار ھالەتتە تۇرماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت