خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى 2007 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 2 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان -توقسۇن ئويمانلىقىدىكى مارجانبۇلاق ئەتراپىدا، ئۈرۈمچىدىن 120 كىلومېتىر يېراقلىقتا بوران -چاپقۇنغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. يولۇچىلاردىن 4 ئادەم ئۆلگەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدا "ئوتتۇرا چاقىرىملىق شامال ئېغىزى" ،"يۈز چاقىرىملىق شامال ئېغىزى" دەپ ئاتىلىدىغان بىرنەچچە مەشھۇر شامال ئېغىزى بار. بۇ قېتىمقى پويىز ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، شامال كۈچى 13 بالغا يەتكەن.
شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم 11 ۋاگون ئۆرۈلگەن. پويىز قاتتىق سىلكىنگەندە، 4 - نومۇرلۇق ۋاگوندىكى يولۇچىلار بىر كىشىنىڭ دەرىزىدىن قاڭقىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، توقسۇن ئەتراپىدا ئاپتوموبىل قاتنىشى ئاللىقاچان توختاپ كەتكەن. بۇ قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر نەچچە سائەتكىچە يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدىغان مەخسۇس خادىملار يېتىپ كەلمىگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2001 - يىلىدىكى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە مۇشۇ رايوندىكى شامال ئېغىزىدا بوراننىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرغان 11 ۋاگۇنلۇق بىر يۈك پويىزى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بۇلتۇرقى چاغان بايرىمىدىمۇ، بورانغا ئۇچرىغان ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىمۇ قاتتىق زەخمىلىنىپ، قىياپىتى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان ھالدا بېيجىڭغا كىرگەن ئىكەن. (ۋەلى)