يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پىلانى "ئورتاق ۋىزا" تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشنى كۆزلەيدۇ

ب د ت ، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەر يىپەك يولنى جانلاندۇرۇش پروگراممىسى بويىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا " ئورتاق ۋىزا تۈزۈمى" نى يولغا قويۇش مۈمكىنچىلىكىنى سىناپ كۆرىدىكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ۋېن خۇي گېزىتى"، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرئارىسىدا " ئورتاق ۋىزا تۈزۈمى" يولغا قويۇش مۈمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پروگراممىسىغا بىر مىليون دوللار ئاجرىتىلغان، ب د ت نىڭ قوللىشىدىكى پروگراممىغا خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار قاتنىشىدىكەن.

"ۋېن خۇي گېزىتى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر پروگراممىدىكى " ئورتاق ۋىزا" تۈزۈمى ئەمەلگە ئاشسا، خىتاي بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارغا بېرىش ئۈچۈن، يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئېلىش كۇپايە قىلىدىكەن.

ب د ت تەرەققىيات - پىلان كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى خالىد مالىك، " ئورتاق ۋىزا" تۈزۈمىنىڭ 2 - 3 يىل ئىچىدە ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان. مالىد مالىك ، يىپەك يولى ئۈستىدىكى رايونلاردا سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ رايوندىكى نامراتلىقنى تۈگۈتۈش مۇمكىن، چۈنكى" تېرورچىلىقنىڭ مەنبەئەسى نامراتلىق،" دەپ قارايدىكەن. (ئەركىن)