دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى
2004.11.12
1933 - ۋە 1944 - يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بولۇپ قالماقتا.
12 - نويابىر كۈنى كەچتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىغا يىغىلىپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 71 يىللىقى، غۇلجىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكىدىكى پائالىيەتكە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىسىتان، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مىھمانلار ئىشتىراق قىلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئىپتار ۋاقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خاتىرلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل سۆز قىلدى. قازاقىستاندا ياشايدىغان سابىق مىللى ئارمىيە كاپىتانى مەسۇمجان زۇلپىقاروف، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى ئەسلىمىرىلىرىنى تونۇشتۇردى. شەرقىي تۈركىستان مىللى ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي پورمىسى كۆرگەزمە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە چوڭلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن. (ئەركىن)