خىتاي سىياسىي كېڭەش ئەزاسى"شىنجاڭ"مائارىپىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۈمىدۋار ئەمەس
2008.03.07
خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، خىتاي پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ چىڭشى تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇ چىڭشى بۇ سۆزلەرنى تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئىلى مائارىپ مۇئەسسەسىلىرىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى،"شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مۇئەسسەسىلىرى 20 - 30 يىل ئاۋالقىدىن كۆپ ئۆزگەرمىگەن، بىئولوگىيە، خىمىيە تەجرىبىخانىلىرىنىڭ %80 ىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان، دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن كونا، كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئىنتايىن كەمچىللىكى"نى ئەسكەرتىدۇ.
جۇ چىڭشى يەنە، بۇ رايونلاردا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ،"بەزى مەكتەپلەردە بىر ئوقۇتقۇچى بىر قانچە يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قانچە خىل دەرس بېرىدىغان،.....بەزى مەخسۇس پەن ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپتىكى بارلىق يىللىقلارغا دەرس بېرىدىغان" ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلدى. شۇڭا مەبلەغ سىېلىنمىسىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان جۇ چىڭشى، "بۇنداق ئەھۋالدا ساپا مائارىپىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن،" دەيدۇ.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا مائارىپ باراۋەرلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى جاڭ شىنچىڭ بولسا ۋېن جايباۋنىڭ بۇ سۆزىنى " شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ۋە ئىلھاملاندۇرىدىغان خۇشخەۋەر " دەيدۇ. خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، رايوندا خىتاي مائارىپى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلاردا پەرزەنتلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرىگە بېرىش قىزغىنلىقى قوزغاپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ چۆلدەرەپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن "شىنجاڭ"نىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىغا يەنە 20 - 30 يىل ۋاقىت قالغانلىقىنى بىلدۈردى
- نۇر بەكرى بېيجىڭدا "ئۈچ خىل كۈچلەر قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنى قوشۇۋېتىش كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى "شىنجاڭ سىنىپ " لىرىغا 5 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىدا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپەيتىلمەكچى
- ۋاڭ لېچۈەن : ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى قىلچە تەۋرەنمەي يولغا قويۇش كېرەك
- خىتاي ھۆكۈمىتى"قوش تىل" مائارىپىنى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- خىتاي دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا
- ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشى قىيىن بولماقتا