ئۇيغۇر رايونىدا ئىككى ئامېرىكا شىركىتى ئۈستىدىن تاقاش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

2007-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خرىستىئان ئاخبارات تورىنىڭ 10 ‏-ئۆكتەبىر تېكساستىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ، ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىككى ئامېرىكا شىركىتىنى، خرىستىئان تەرغىباتچىلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلغان ھەم شىركەت ئىگىلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇش ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

مەزكۇر ئاخبارات تورى بۇ خەۋەرنى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن بىر مەخپىي ھۆججەتكە ئاساسلىنىپ ئىگىلىگەن. مەخپىي ھۆججەت ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر ۋىلايەتنىڭ مىللىي ئىشلار ئىدارىسىغا ئائىت بولۇپ، ھۆججەتتە، ئىككى شىركەتتىن بېرى، 2000 ‏-يىلدىن بۇيان ، تىجارەت نامى ئاستىدا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەنگەن ھەم كونكرېت پائالىيەتلىرى سۈپىتىدە، خرىستىئانلىق ھەققىدە ۋەز ئېيتىش، تەرغىبات قىلىش ۋە تەلىمات ماتېرىياللىرى تارقىتىش دەپ كۆرسەتكەن.

تاقىلىشقا بۇيرۇلغان شىركەتلەردىن يەنە بىرى ئۇيغۇر رايونىدا 16 يىلدىن بېرى تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ بۇ شىركەتمۇ ئوخشاش نامدا ئەيىبلىنىش بىلەن بىللە، تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ۋە شىركەت ساھىبىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋىزىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، 30 ‏-سېنتەبىرگە قەدەر چېگرادىن چىقىپ كېتىش ئەمرى بېرىلگەن.

خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىككى يەرلىك شىركەتنىڭمۇ، خىرىستىئان تەرغىباتچىلىقى بىلەن جازالانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەر تورى، يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە، ئۇيغۇر رايونىدىن 50 تىن ئارتۇق خىرىستىئاننىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىنىپ چېگرادىن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ ھەقتە " دىنىي پائالىيەتلەرگە چېتىپ تۇرۇپ، تىجارەتتىن چەكلەش خىتايدىكى يەنە بىر تۈر دىنىي بېسىمدۇر" دەپ بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت