ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە دائىرىلەر ئىنجىل كۇرسىدىكى خرىستيان بالىلارنى تۇتقۇن قىلدى
2008.02.29
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خرىستيان تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە ئىنجىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان 13 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنىڭ 11 نەپىرى مەكتەپ يېشىدىكى خىتاي بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
" جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" نىڭ جۈمە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، قورغاس ناھىيىسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرى 4 ئەترىتىدە ئولتۇرىدىغان 11 نەپەر بالا پەيشەنبە كۈنى شۇ جايدىكى بىر ئىنجىل كۇرسىدا تەلىم ئېلىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىگە دۇچ كەلگەن ۋە بالىلار" قانۇنسىز يىغىلىش" ئۆتكۈزگەنلىكى تۈپەيلى چىڭسىخوزا بازىرىدىكى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلغان. تېكساستىكى ياردەم جەمئىيىتى، بالىلار بىلەن بىر قاتاردا يەنە 2 نەپەر ئايالنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ 2 ئايالنىڭ ئىنجىل كۇرسىدىكى ياردەمچى مۇخلىسلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر رادىئومىزغا " ئىنجىل كۇرسىنىڭ شۇ مەھەللىدىكى ئوقۇمايدىغان بالىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئۆگىتىش جەريانىدا خرىستىئانلارنىڭ ئىنجىلىنى ئۈگەتكەنلىكى" نى بىلدۈردى.
چىڭسىخوزا ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى رادىئومىز مۇخبىرىغا بالىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ھەرىكەتنىڭ ناھىيىلىك ساقچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى " جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" ئۇيغۇر ئېلىدە دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا دائىرىلەر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 2 نەپەر ئۇيغۇر مۇخلىسىنى قەشقەردە تۇتقۇن قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى
- تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى سايىت يازىجىئوغلى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتايدا خرىستىئان مۇرتلىرى قويۇپ بېرىلدى
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىدارە، جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى ئالغاندا دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى تاللاش تەلەپ قىلىنغان
- دۇنيادىكى دىنىي رەھبەرلەر ھىندىستاندا ئۇچرىشىپ زوراۋانلىق - ۋەھشىيلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئۇيغۇر رايونىدا ئىككى ئامېرىكا شىركىتى ئۈستىدىن تاقاش بۇيرۇقى چىقىرىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يەر ئاستى چېركاۋىغا ساقچىلار بېسىپ كىردى
- خىتاي دىنىي ساھەگە قاراتقان بېسىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە
- ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى كومپارتىيە سىياسىتىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا بۇ يىل يەنە 420 دىنىي زاتنى "ۋەتەنپەرۋەر " قىلىپ تەربىيىلىمەكچى