ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە دائىرىلەر ئىنجىل كۇرسىدىكى خرىستيان بالىلارنى تۇتقۇن قىلدى


2008.02.29

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خرىستيان تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە ئىنجىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان 13 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنىڭ 11 نەپىرى مەكتەپ يېشىدىكى خىتاي بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

" جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" نىڭ جۈمە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، قورغاس ناھىيىسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرى 4 ئەترىتىدە ئولتۇرىدىغان 11 نەپەر بالا پەيشەنبە كۈنى شۇ جايدىكى بىر ئىنجىل كۇرسىدا تەلىم ئېلىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىگە دۇچ كەلگەن ۋە بالىلار" قانۇنسىز يىغىلىش" ئۆتكۈزگەنلىكى تۈپەيلى چىڭسىخوزا بازىرىدىكى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلغان. تېكساستىكى ياردەم جەمئىيىتى، بالىلار بىلەن بىر قاتاردا يەنە 2 نەپەر ئايالنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ 2 ئايالنىڭ ئىنجىل كۇرسىدىكى ياردەمچى مۇخلىسلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر رادىئومىزغا " ئىنجىل كۇرسىنىڭ شۇ مەھەللىدىكى ئوقۇمايدىغان بالىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئۆگىتىش جەريانىدا خرىستىئانلارنىڭ ئىنجىلىنى ئۈگەتكەنلىكى" نى بىلدۈردى.

چىڭسىخوزا ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى رادىئومىز مۇخبىرىغا بالىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ھەرىكەتنىڭ ناھىيىلىك ساقچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى " جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" ئۇيغۇر ئېلىدە دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا دائىرىلەر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 2 نەپەر ئۇيغۇر مۇخلىسىنى قەشقەردە تۇتقۇن قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.