خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سېكرېتارى جاڭ خەندۇڭ، 29- دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالتاي تەۋەسىدىكى بېيتۈن ناھىيىسىنى شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
شىنخۇ ئاگېنتلىقىدا ئاشكارىلىنىشىچە، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بېيتۈن شەھرى، 21- ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان 4- شەھەر بولۇپ، 2004- يىلىدا، تۇمشۇق شەھىرى، ئالار شەھىرى ۋە ۋۇجىياچۈ شەھەرلىرى تەڭلا قۇرۇلغان ئىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جاڭ خەندۇڭ مەزكۇر شەھەرنىڭ تەبئىي ئېكولوگىيىلىك ساياھەتچىلىك ۋە ئادەم ياشاش ماسلاشتۇرۇلغان ئۆزگىچە شەھەر بولۇپ قۇرۇلىدىغان لىقىنى بىلدۈرگەن.
دەرۋەقە بېيتۈن شەھىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ساياھەتچىلىككە ئىتايىن باپ كېلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر شەھەر ئېرتىش دەرياسى ۋە ئۇلۈنگۈر دەريا ۋادىسىغا شۇنداقلا، قازاقسىتان، موڭغۇلىيە قارارلىق دۆلەتنىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان تەبئىي گۈزەل مۇنبەت زېمىندۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، بېيتۈن شەھىرى ئالتاي رايونىدىكى بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 10 - دىۋىزىيىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ، ئاساسەن خىتايلار توپلىشىپ ياشايدىغان رايون بولۇپ ، ئىلگىرى قۇرۇلغان شەھەرلەردىن ۋۇجىياچۈ، ئالار ۋە تۇمشۇق شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى پولك - مەيدانلارنىڭ باش شتابى ئورۇنلاشقان جايلار ئىكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرى بەرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 3 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بىڭتۇەن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بوستانلىقنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ بولغان.
بىڭتۇەن دائىرىلىرى ھازىر ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى شەھەرلەرنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىلى ئىچىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنلارغا جايلاشقان.
خىتايلارنىڭ بىڭتۇەن قارمىقىدىكى شەھەرنى ھەدەپ كېڭەيتىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان مۇستەملىكە ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى سىياسىي قەدىمى دەپ كۆرسەتكەن ، ئىلگىرى بىڭتۇەن قارمىقىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان سىياسى كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى: " ئۇيغۇر ئېلىدە ئەزەلدىن مەۋجۇت شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارمۇ ياشايتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئاساسەن خىتايلار ياشايدىغان جايلاردا شەھەر بىنا قىلىشى، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەر ئىگىلەش، يېڭى كەلگەن خىتايلارغا ياشاش مۇھىتى ھازىرلاش ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، چەكلەش تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش" دەپ كۆرسەتتى. (جۈمە)