ئۈرۈمچى خەۋەر تورىنىڭ 7- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا ، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەش سىياسەتلىرىنى چىقارغان. يەنى مەزكۇر سىياسەتتە بەلگىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەرگە كۈنىگە ئىككى يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەندىن باشقا ، ئۇلارنىڭ كېلىپ - كېتىش قاتناش ھەققىنىمۇ كۆتىرىدىكەن شۇنداقلا ھەر بىر پاختا يىققۇچىنىڭ ئىش ھەققىگە %5 تىن مۇكاپات پۇلى قوشۇپ بېرىدىكەن.
ھازىرغا قەدەر چۇڭچىڭدىن 1100 ئاققۇن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تېرىشكە قاتنىشىش كېلىشىمىگە قول قويغان بولۇپ ، چۇڭچىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ خىتاي ئىشچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە "بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە چۇڭچىڭدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە قالغان 100 مىڭ خىتاي دېھقان ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تېرىشكە قاتنىشىپ ئىككى يۈز مىليون يۈەن تېپىپ كەتكەن." بۇ يىلمۇ خىتاينىڭ كۆپىنچە جايلىرى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ھەمدە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە قالغان بولۇپ ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەتتە قالغان خىتاي دېھقانلارنى ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
ئەكسىچە بولسا ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە بارغان ئۇيغۇرلار بارلىق قاتناش ھەم تۇرمۇش چىقىملىرىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالماقتا . ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇرلار خىتاي زاۋۇتلىرىدا تۆۋەن مائاش بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ئەمگەككە سېلىنىپ ھوقۇق مەنپەئەتلىرى دەپسەندە قىلىنماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)