ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياشلار ئىتتىپاقى 2003 - يىلدىن باشلاپ ئىچكىرىلىك خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە قەرەللىك"پىدائىي"بولۇپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئېلىدە 1 يىلدىن 2 يىلغىچە پىدائىي بولۇش ئىشلەشكە تىزىملاتقان 3900 گە يېقىن خىتاينىڭ ئاز كەم 4 دەن بىرى، پىدائىيلىق قەرەلى توشقاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتماي ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تېپىپ يەرلىشىپ قالغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىشىپ قالغان ئاتالمىش پىدائىيلارنىڭ 700 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كىشىلەر ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىش شۇئارى ئاستىدا توختام بىلەن "پىدائىي" بولۇپ ئىشلەشكە كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن جىمىنەي قاتارلىق چېگرا رايونلاردىكى چەت ناھىيىلەردە ئىشلىگەن ۋە قەرەلى توشقاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتماي بۇ ناھىيىلەردە خىزمەت تېپىپ قېلىپ قالغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياشلار ئىتتىپاقى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي رېنرۇڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە قالغان "پىدائىيلار"نىڭ مائارىپ، سەھىيە - سالامەتلىك ۋە يېزا ئىگىلىك ، تېخنىكا ساھەسىدە خىزمەت تاپقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جىمىنەي ناھىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 132 نەپەر "پىدائىي"نىڭ 37 نەپىرى مۇشۇ ناھىيىنىڭ ئۆزىدە قالغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەڭ تەكىتلەيدىغان چاقىرىقلارنىڭ بىرى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىشتۇر . ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئىلگىرى رايونغا كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى تەشكىللىك ئەمەس، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىدىن كېلىۋاتقانلار، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايونغا تەشكىللىك ھالدا كۆچمەن يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى تەشكىلاتلار، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، رايوننىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئويناۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)