خەۋەردە ۋەقە شاھىدلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، ۋەقە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىككىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەنلەردە سادىر بولغان بولۇپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچى پويىز ئىستانسىسىدىكى مەلۇم ساتىراشخانا ھەم ئۇۋىلاش ئۆيىگە ئېتىلىپ كىرىپ يىگىرمە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پىچاق بىلەن، ئۈچ ئايال ۋە بىر ئەرنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلاندۇرغان.
بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى بىلەن تېز ئارىدا قولغا ئېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە،ۋەقە سادىر قىلغۇچى دۇڭبېيدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىش ئىزدەپ چىققان يىگىرمە ياشلار ئەتراپىدىكى بىر خىتاي ئىكەن، بۇ خىتاي ياشنىڭ ئەسلىدە ساتىراچخانىدىكى يارىلانغان ئاياللارنىڭ بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇپ، بۇ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى ۋەقە ئىمىش.
گەرچە بۇ ۋەقە ئۈرۈمچىدە جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچى دائىرىلەر بىر خىتاي تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بىگۇناھ كىشىلەرنى زەخمىلەندۈرۈش خاراكتېرىنى ئالغان بۇ ئېغىر جىنايى ۋەقەگە ئۇنچە جىددىي مۇئامىلە قىلمىدى.
ئەمما بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچىلىرى شامالباغ مەھەللىسىدىكى تاڭنۇرى باغچىسى قوروسىدا تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قورودىكى بىر ئۆيدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن 5 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان، 2 كىشىنى يارىلاندۇرغان، 8 كىشىنى قولغا ئالغان ئىدى. دائىرىلەر ۋەقەنىڭ "تېررورلۇق "بىلەن ئالاقىدار ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم ساقچىلارنىڭ بىنانى قورشاپ، ئۆي ئىچىدىكىلەرنى ئىشىكنى ئېچىشقا بۇيرۇغاندا، گۇماندارلارنىڭ ئىشىكنى ئېچىشنى رەت قىلىپ، پىچاق بىلەن ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى يازغان ئىدى.
ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ۋە ياكى ئولىمپىك بىخەتەرلىكى باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىنى توختىتىش كېرەك دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.