خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭ بالا دورا يەپ گاس بولۇپ قالىدۇ
2007.04.13
خىتايدا مېدىتسىنا دورىلىرىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىش سەۋەبىدىن ھەر يىلى 10 مىڭ بالا گاس بولۇپ قالىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 13 - ئاپرىل بەرگەن خەۋەرىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي گاسلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەتقىقات مەركىزى مۇئاۋىن دىرېكتورى جېن شېڭ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەبكار بولسا ئانتى-بىئوتىك ( باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلار) نىڭ ئۆلچەمسىز ئىشلىتىلىشى." خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە يەنە، خىتايدا ئاتا-ئانىلار ئانتى-بىئوتىكلارغا ۋە ھايانكەشلەردىن سېتىۋالغان دورىلارنى يېزىپ بېرىدىغان دوختۇرلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدىكەن. مەزكۇر مەركەزنىڭ دىرېكتورى لىيۇ جىنفېڭ، دوختۇرلار بالىلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈلىرىگە تەسىر قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان دورىلارنى ئوبدان بىلىشى كېرەك، دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تەخمىن ئىتىشىچە، ھەر يىلى 30 مىڭچە بالا ئىرسىيەت، يۇقۇملىنىش ۋە پايدىسىز دورىلارنىڭ رىئاكسىيەلىرى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدىكەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئانتى-بىئوتىكلارنى ئېلىشنى سەل قىيىنلاشتۇرغان بولسىمۇ، بەزى خىتاي دوختۇرخانىلىرى پايدا ئۈچۈن قىممەت باھالىق ئانتى-بىئوتىكلارنى ھالىغانچە ساتىدىكەن. (جۇمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 92 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ب تىپلىق جىگەر كېسىلى سەۋەبىدىن مەكتەپتىن توختاتتى
- ئۇيغۇر ئېلىدە تۇياق-ئېغىز ياللۇغى كېسىلى قايتا بايقالدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى ئوبلاستىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى
- خىتاي، د س ت نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى