خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى 13 - ماي كۈنى، جەنوبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستىدا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى ھەمدە كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ رايونلاردا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەردىن بىرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەشۋىقات ئىلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئىختىساسلىقلار نامىدا خىتايلارنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا، زېمىننىڭ ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىش ئەمەس، بەلكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش دېگەن چىرايلىق شۇئار بىلەن ئىچكىرىدىن ئادەم يۆتكەش، ئۇلارنى يۇقىرى ئىمتىياز بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇرلارنى نامرات ھالەتتە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەكىتلەۋاتقاندەك، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە جۇغراپىيىلىك، كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن خىتايلارنى مەزكۇر رايونغا تېخىمۇ كۆپ يەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشى، مەزكۇر رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھەم ئىقتىسادى، ھەم سىياسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ " دېدى.
