خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
2007.10.29
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىلىرى ئۆزبېكىستاندا چاقىرىلىدىغان خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئاتالمىش"ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇش ھەم ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېما ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ليۇ خۈي، خىتاينىڭ ئاتالمىش "تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك" يەنىلا رايوندىكى ئېغىر مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ليۇ خۈي، "ياۋرو - ئاسىيانىڭ ئۈچ خىل كۈچلەر كەڭ تارقالغان رايون ئىكەنلىكى ھەممە ئادەم مەلۇم " دەيدۇ. ئۇ يەنە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل كۈچلەر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختاتمىدى "دەپ سۆزلىدى ھەمدە " بىزنىڭ نىشانلىرىمىزنىڭ بىرى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تېرورچى تەشكىلاتىنى يوقىتىپ، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش " دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، " خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان نېفىت زاپىسىغا باي ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىكلەرنىڭ كەڭ ئاپتونومىيە ھەم دىنىي ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى بوغماقتا "دەپ تەكىتلىگەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئەسكەرتىشىچە، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى سىياسىتى كۆپ ھاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىگە قارىتىلغان.
ئېنېرگىيە ئاچارچىلىقى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ليۇ خۈي، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كۈچەيتىلسە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قاتنىشىدىغان بۇ يىغىندا ئىران يادرو مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئىككىنچى چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشقا 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
- ۋاڭ لېچۈەن، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلاندى
- ئۆزبېكىستان -رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى داۋاملىق پۈتۈشتى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاساسلىق رولچى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا
- نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇشنى يەنە تەشەببۇس قىلدى
- رۇسىيە، نەزەربايىفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتسادىي ئىتتىپاقى پىلانىغا سوغاق مۇئامىلە قىلدى
- خىتاي، 1 - ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا دۇچ كېلىدۇ
- كاندىلىزا رايس تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى