ماخمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى كۇچار ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى ليۇنىڭ نەرىگە پۇتلاشتى؟


2007.12.14

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇچار ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى ليۇ جوڭ، كۇچار ناھىيىسىنىڭ ئوچا بازار باشلانغۇچ مەكتىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان 11 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرى ماخمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى تامدىن يۇلۇپ ئېلىپ تاشلىۋەتكەن.

خەۋەر مەنبەئەلىرىدە، بۇ ۋەقە 6 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سادىر بولغانلىقىنى، بۇ ۋەقە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئېغىر ھاقارەت تۇيۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىمنىڭ ليۇ جوڭغا پېتىنىپ بىر نېمە دېيەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ليۇ جوڭ "رەسىمدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ ساقىلى ۋە سەللىسى بار ئىكەن. مەكتەپكە سەللىلىك ۋە ساقاللىقلارنىڭ رەسىمىنى ئېسىشقا بولمايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندە ناھىيىلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمەت نىياز شۇ مەيداندا بار بولۇپ، ئۇ ليۇ جوڭ تاشلىۋەتكەن ماخمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى ئېلىپ تېخىمۇ يىراققا ئاتقان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ليۇ جوڭ ۋە مەمەت نىيازلارنىڭ ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرمىگەن ۋە ھېچكىمنىڭمۇ كارى بولمىغان.

ماخمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار 11 - ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر تىلشۇناس ۋە مۇتەپەككۇرلار بولۇپ، ئۇلار يەنە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر ئىلىم - پەن روھىنىڭ سىمۋولى، دەپ قارالغان زاتلار ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.