قۇرۇلتاي باياناتچىسىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، قەشقەر رايونىنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى 314، 213 ۋە 310 - دۆلەت تاش يولى ۋە رايوندىكى 5 ئۆلكە دەرىجىلىك تاش يول ئېغىزىدا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، يولۇچىلارنىڭ سوراققا تارتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە دائىرىلەر 122 نەپەر كادىرنى ناھىيىدىكى 31 كەنتكە نازارەت ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتكەن. قۇرۇلتاي باياناتچىسى ج خ خادىملىرىنىڭ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ كەلگەن - كەتكەن ئادەملەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىشى، 26 - ئىيۇن كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىن.
