خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكنى قوغداش دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالماقتا

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ئەسقەر يېقىندا، ھەر قايسى جايلاردىن 487 كىلوگرام پارتلاتقۇچ دورا، 12 مىڭ 570 دانە كاپسۇل، 27 مىڭ پاي 359 ئوق، 2750 دانە خەنجەر ۋە 54 كىلوگرام زەھەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم يىغىۋېلىندى، دەپ جاكارلىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.28

 خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 'ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا پارتلاتقۇچ ۋە قورال يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى 10 ‏ - ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

خەلقنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەممىلا جايدا ئۇيغۇر يولۇچىلىرىغا قولايسىزلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ، كېچىلىرى بولسا ئۇيغۇر ئاھالىلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ.
 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا پارتلاتقۇچ قوللىنىدىغان كان - زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ قولىدا. پارتلاتقۇچ ياكى مىلتىق، ئوق ساقلايدىغانلارمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى پارتلاتقۇچنى، مىلتىقنى كىمدىن ۋە نەدىن يىغىۋالغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىشى كېرەك.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.