خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 'ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا پارتلاتقۇچ ۋە قورال يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى 10 - ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
خەلقنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەممىلا جايدا ئۇيغۇر يولۇچىلىرىغا قولايسىزلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ، كېچىلىرى بولسا ئۇيغۇر ئاھالىلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا پارتلاتقۇچ قوللىنىدىغان كان - زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ قولىدا. پارتلاتقۇچ ياكى مىلتىق، ئوق ساقلايدىغانلارمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى پارتلاتقۇچنى، مىلتىقنى كىمدىن ۋە نەدىن يىغىۋالغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىشى كېرەك.