خىتاي قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدا يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسى ئاچىدۇ


2008.01.27

خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىنىڭ كېلىشىمى بويىچە قەشقەردىن قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىگە تۇتىشىدىغان خەلقئارالىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلانماقچى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قورغاسقىچە بولغان تۆمۈر يول بۇ يىل پۈتكەندىن كېيىن، 2010 - يىلى قازاقىستان تەۋەسىدىكى تۆمۈر يول لىنىيىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، جىڭ-قورغاس تۆمۈر يول لىنىيىسى ئۈچۈن ئالتە مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تۆمۈر يول خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ئالاتاۋ لىنىيىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى لىنىيە بولۇپ قالىدىكەن.

خىتاي-قىرغىزىستان -ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول لېنىيىسىگە قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ لىنىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. چۈنكى مەزكۇر لىنىيە خىتاينى پەرغانە ۋادىسى ئارقىلىق تۈركمەنىستان، ئىران ھەتتا تۈركىيە ھەم ياۋروپا بىلەن باغلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

كەلگۈسىدە خىتاي مەزكۇر لىنىيە ئارقىلىق مال توشۇغاندىن سىرت يەنە ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ھەمدە كاسپى بويىنىڭ نېفىتلىرىنى خىتايغا توشۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ مەزكۇر تۆمۈر يولنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.