ۋۇ باڭگۋو، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇشتا ياردەم بەرگەن ئۆزبېكىستانغا رەخمەت ئېيتتى


2007.11.24

ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگۋو، جۈمە كۈنى تاشكەنتتە، ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەدھەم شادمانوف بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ب د ت ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگۋو، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق 15 يىلىدىن بېرى داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ، جۈمە كۈنى تاشكەنتتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي تەرەپنىڭ، تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ مەيدانىنى قوللىغانلىقى بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ياردەملىرى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە رەخمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئىپادىلىگەن.

ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شادمانوف باياناتىدا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى،خىتاينىڭ خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى رولىنى تەقدىرلەيدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ، 2005‏ - ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقى شۇنىڭدەك 2006‏ - يىلى كانادا پۇقراسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۆسەيىن جېلىلنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا، خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۈگۈن پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.