ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلماقتا


2006.07.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى جىنيۈن باشچىلىقىدا بىر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستان سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلماقتا.

16 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارەتنىڭ مەقسىتى، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي سودا ۋە تىجارەت دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە خىتاي تىجارەتچىلىرىنى ئۆزبېكىستاندا مەبلەغ سېلىشقا رەغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۆزبېكىستان تىجارەت ۋە سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تاشكەنتدىن باشقا يەنە سەمەرقەند، بۇخارا، خېۋە شەھەرلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن.

تاشكەنتدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ تىجارەت ۋە سودا ئىشلىرى خادىمى جان دى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستانغا سالغان مەبلىغىنىڭ 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمما بۇ ناھايىتى ئاز، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنى ئۆزبېكىستانغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن رەغبەتلەندۈرىدۇ، دېدى.

خىتاي ئۆزبېكىستاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىجارەت شىرىكلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجمى ئۆتكەن يىلى 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى. بۇ يىل خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە زور ئىلگىرلەش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 2006 ‏- يىلىنىڭ بىرىنچى ئۈچ يىلىدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجمى 196 مىليونغا يەتكەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جىلىلنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشىدىن ئىككى ھەپتە كېيىن، ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىغا دىققەت تارتماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.