پاكىستاننى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشتا ئىزچىل ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئىسلام ئابادنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى 19-ماي كۈنى ئىسلام ئاباد شەھىرىدە "جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىسى" ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.
خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەت خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
خىتاي تەرەپ، مەدەنىيەت ھەپتىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇلار 27-مايغىچە پاكىستاننىڭ ئىسلام ئاباد ۋە لاخور قاتارلىق شەھەرلىرىدە مىللىي ناخشا-ئۇسۇل، كىيىم –كېچەك، خەتتاتلىق ۋە باشقا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى نامايەن قىلىدىغان سۈرەتلەر ھەم باشقىلارنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، پاكىستان پرېزىدېنتىغا تەبرىكنامە ئەۋەتكەن.
پاكىستان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرى پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇ يەردە پاناھلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كەلگەن. خىتاي سوتى پاكىستان ساقچىلىرى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)