خىتاي - پاكىستان ئۇپۇقىدىكى قونجىراپ تۆمۈريولى


2007.03.02

"ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى پاكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىغا قارا قۇرۇم تاشيولىنى بويلاپ تۆمۈريول ياتقۇزۇش پىلانىنىڭ مۈمكىنچىلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە 1 مىليون 200 مىڭ دوللار ئاجرىتىپ، بۇ تەتقىقات تۈرىنى بىر خەلقئارا شىركەتكە ھاۋالە قىلدى.

پاكىستان بىلەن خىتاينى تۆمۈر يول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ قارىسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر قارا قۇرۇم تۆمۈريولىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

"ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ تەتقىقات تۈرى پاكىستاننىڭ خەۋىلليان دېگەن يېرىدىن 4730 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قونجىراپ ئېغىزى ئۈستىدىكى مانسەھرا رايونى ۋە قاراقۇرۇم تاش يولىغىچە بولغان 750 كىلومېتىر ئارلىقتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە تۆمۈريول پاكىستان تەرەپتە خەۋىلليان رايونىغىچە، خىتاي تەرەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىگىچە ئۇلانغان. ئەگەر تۆمۈريول ياتقۇزۇش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت بولسا، خىتايلار قەشقەر تۆمۈريولىنى قونجىراپقىچە ئۇزارتىش كېرەك.

پاكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىغا تۆمۈريول ياتقۇزۇش پىلانى خىتاي رەھبەرلىرى ئۆتكەن يىلى پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەپاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، بۇ پىلانغا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار، ئەگەر تۆمۈريول ياتقۇزۇلسا، بۇ خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا تۆمۈريولدا ئەرەب دېڭىزىغا چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.