قازاقىستان بىلەن خىتاي سۇ مەسىلىسىدە بىرلىككە كىلەلمىدى


2007.03.08

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 8 ‏- مارت ئالماتادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە، مەركىزى ئاسىيانىڭ ئېكولوگىيىسى ۋە تەقدىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىندا، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۇ مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنمىدى.

خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "غەربنى ئېچىش" ئىستراتېگىيىسى بويىچە، يەر ئاستى ۋە باشقا بايلىقلىرى ئىنتايىن مول ئۇيغۇر دىيارىغا يەنە يېڭىدىن 40 مىليون نوپۇس يۆتكەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلىنغان.

يىغىندا قازاق ھۆكۈمىتى، ئەگەر خىتاي تەرەپتىن كىلىپ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكىكگە خىتاي تەرەپ كاپالەت بېرەلىسە، قازاقىستان خىتايغا 10 يىل نۇرغۇن مىقداردىكى بىكارلىق ياكى تەننەرقى ئىنتايىن تۆۋەن يېمەك-ئىچمەك يوللاپ بېرىش دوكلاتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاق تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئېكىلوگىيىلىك ئىگىلىك پىلانى، خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

"گەرچە خىتايلار كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغان بولسىمۇ، بەك ئېھتىياتچانلىق قىلدى"، دەيدۇ، يىغىنغا قاتناشقان، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قازاقىستاندىكى سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئاننا برامۋېلل.

بەزى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازەربايىف مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان تەرەپلەرنى، بالقاش كۆلىنى جىددىي قوغداپ قېلىش ئىستراتېگىيسىدىن بىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇشۇ رايونغا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانى نۇرغۇنلىغان ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن.

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاق تەرەپنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئىگىلىك پىلانى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش پىلانلىرىنى رەت قىلىشدىكى بىردىنبىر سەۋەب بولسا، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېلىدىغان 40 مىليون خىتاي نوپۇسىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ئالدىن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنىڭ بىرقىسمى ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.