خىتاي قازاقىستانغا تۇتۇشىدىغان 2 - تۆمۈر يولنى ياسىماقچى

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جىڭ ناھىيىسىدىن قورغاس ناھىيىسىگىچە تۇتۇشىدىغان تۆمۈريول لىنىيىسىنى قازاقىستانغىچە تۇتاشتۇرماقچى بولغان. ئەگەر بۇ لىنىيە قازاقىستانغا تۇتاشتۇرۇلسا، ئۇ ھالدا بۇ ئالاتاۋ تۆمۈر يولىدىن كېيىن خىتاي - قازاقىستان ئارىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان 2 - تۆمۈريول لىنىيىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ جىشۈن مۇخبىرلارغا جىڭ - قورغاس تۈمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، قورغاس تۆمۈريولى قازاقىستاننىڭ سارئۆسەك تۆمۈريولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ جىشۈننىڭ ئەسكەرتىشىچە، جەمئىي 6مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جىڭ - قورغاس تۆمۈر يولىدا 2007 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى رەسمىي قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن. قورغان - سارئۆسەك تۆمۈر يولىنىڭ 2008 - يىلى پۈتۈشى پىلانلانماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ تۆمۈر يول خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن. قورغاس - سارئۆسەك تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر كېلىشى مۇمكىن. تۆمۈريول ياساش قۇرۇلۇشىنى خىتاي تەرەپ ئۈستىگە ئالغان. (ئەركىن)