خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە بېرىۋەتكەن

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' 4 ‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىندا خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سۇ ئىشلىرى نازارىتى بىلەن قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ سۇ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش كېلىشىمى تۈزگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008-04-23
Share

 بۇ كېلىشىم، قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدا ماركەنچات سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، قارابەل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شاتسۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تارقىتىش ھوقۇقىنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە بېرىۋەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۇ بايلىق مەنبەسى تېخى ئېچىلمىغان قىزىلسۇ دەرياسىغا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئىكەن، ئەمدى ئۇلار شارائىت پىشىپ يەتتى دەپ قاراپ يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان.

ئەمدى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى 371 كىلومېتىرلىق قىزىلسۇ دەرياسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' بۇ ۋەقەنى 'قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى باشلاندى' دەپ تەسۋىرلىگەن.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت