بۇ كېلىشىم، قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدا ماركەنچات سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، قارابەل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شاتسۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تارقىتىش ھوقۇقىنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە بېرىۋەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۇ بايلىق مەنبەسى تېخى ئېچىلمىغان قىزىلسۇ دەرياسىغا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئىكەن، ئەمدى ئۇلار شارائىت پىشىپ يەتتى دەپ قاراپ يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان.
ئەمدى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى 371 كىلومېتىرلىق قىزىلسۇ دەرياسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' بۇ ۋەقەنى 'قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى باشلاندى' دەپ تەسۋىرلىگەن.