ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك قۇرۇلتايلاردا ئەمەلدارلارنىڭ نىسبىتى % 25 دىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەلەپ قىلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى يېقىندا ھەر قايسى جايلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، شەھەر، ناھىيە، يېزا ، بازار دەرىجىلىك يەرلىك قۇرۇلتايلارنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەكىللىك نىسبىتى%25 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ھۆججەت تەۋسىيە خاراكتېرلىك بولۇپ، يەرلىك ئورگانلار چوقۇم ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك بۇيرۇق ئەمەس.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ " ناھىيە، شەھەر، رايون، يېزا ۋە بازار دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتېيى، ھۆكۈمەت ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك سايلام خىزمىتى تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى " ھۆججىتىدە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ناھىيە، شەھەر ۋە رايون دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25 دىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 75% دىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇرۇن خەلق قۇرۇلتىيىغا ئەزا ئەمەلدارلار كۆپ بولۇپ كېتىپ، خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئارىلىشىش ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى يازدى.

لېكىن رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن خەۋەردار ئەرباپلار، بۇ ھۆججەتنىڭ يېڭى نەرسە ئەمەسلىكىنى شۇنداقلا بۇ ھۆججەت يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى ۋەكىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىنى شۇ دەرىجىلىك پارتكوملار باشقۇرىدىغان ئەھۋالدا بۇ مەسىلىلەرنى بىر ھۆججەت بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. (ئەركىن)