رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىندى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرى ئالدىنقى كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەنگۈەن ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراق قىلىندى. نەنگۈەن ساقچىخانىسى قارمىقىدىكى رابىيە قادىر ئىشخانىسى، دەپ ئاتلىدىغان 317 - نومۇرلۇق ئىشخانىنىڭ ساقچىلىرى پەيشەنبە كۈنى رابىيە قادىرنىڭ كىچىك ئوغلى ۋە ئەقىدە شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئالىم ئابدۇرېھىمنى نەنگۈەن ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ بىر يېرىم سائەت سوراق قىلغان ۋە ئۇنى باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن رەسمىي "جىنايەت گۇماندارى" دەپ ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلسا يول قويۇدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

لېكىن ئالىم قادىر ساقچىلارنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ باج ئوغرىلىغانلىقىنى ئىقرار قىلىدىغان بىر ھۆججەتكە قول قويۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ، ساقچىلار مېنى جىنايەت گۇماندارى، دەپ بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن رەسمىي ئەيىبنامىسىنى كۆرسەتمىدى ياكى مېنى قولغا ئالمىدى " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىككى نەپەر ساقچى ئەتىگەندىن - كەچكىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈيدىكەن ۋە شىركەت ئىشخانىسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىكەن.

ئالىم ئابدۇرېھىم، ئۆتكەن يىلى 5 ‏- ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئەقىدە شىركىتىنىڭ بارلىق ھۆججەت ۋە توختامنامىلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ سودىسى پۈتۈنلەي پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " قولىمىزدىكى ساقچى تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاقلايدىغان پۈتۈن ھۆججەتلەر مۇسادىرە قىلىندى. ئۆزىمىزنى ئاقلايدىغان پاكىتلار جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ قولىدا " دەيدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۆتكەن يىلى رابىيە قادىرنى باج ئوغرىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. لېكىن رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە،ئۇنىڭ شىركىتى 1990 ‏- يىلدىن 1998 ‏- يىلغىچە 18 قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە "باج تاپشۇرۇش بايراقدارى" بولۇپ باھالانغان.