ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھازىر داۋاملىشىۋاتقان ۋە ھەل قىلغۇچ پەيتكە كېلىپ قالغان تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىبەتلەر بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلاشماقتا.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.02

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1949‏ - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلماي پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش پۇرسىتى ھازىر يەنىلا مەۋجۇت.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈتمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.