ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زادى نېمە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ ؟


2007.10.19

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ كۆپ قىسىمى، خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن بۇ سۆزلەرنى كومپارتىيە 17 ‏- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە، رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرنى مىسالغا ئالغان. لېكىن ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتكە ياتىدىغان، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قايسى سەزگۈر مەسىلىلەرنى مىسالغا ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزى، ئۇ تېخى يېقىندىلا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تەكىتلىگەن "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى يەنىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت" دېگەن سۆزى بىلەن پۈتۈنلەي زىت، دەپ قارالماقتا. ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا يەنە،خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتكە ياتىدىغان ئادەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇندىن قالغان بەزى قىيىن مەسىلىلەردە يەنىلا چارىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن بۇ مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتى" دېگىنىنى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇشتىكى بىر باھانىسى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.