خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن تىكلەپ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى' تىكلىدى. خىتاينىڭ تور بەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قانۇننىڭ 4 ‏ - ماددىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشنى مەجبۇرىيەت قىلىش ئۈچۈن 'قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش' بەلگىلەنگەن.

بۇ قانۇننىڭ 10 ‏ - ماددىسىدا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن 'دىننىڭ مائارىپقا ئارىلىشىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ' دەپ بەلگىلەنگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ 405 نەپەر مائارىپ خادىمى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ رايونلىرىدىكى 21 ناھىيىنىڭ 134 بالىلار باغچىسىغا ۋە مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار سىنىپلىرىدا خىتايچە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشقان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم 'قوش تىللىق مائارىپ' دېگەن نام بىلەن خىتايچە ئۆگىتىشنى باغچىلاردىكى كىچىك بالىلاردىن باشلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايونلارغا بارغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ يىل ئەۋەتىلگەن ئىككىنچى تۈركۈم ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.