ئىسمائىل تىلىۋالدى "ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" تىكى مەيدانىنى ئاشكارىلىدى


2007.11.16

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" تىنچلىق ئامەت، پاراكەندىچىلىك ئاپەت" شوئارىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سادىق قورچاق ئەمەلدارى ئىسمائىل تىلىۋالدى بۇ نۆۋەتمۇ شۇ كونا مۇقامىنى توۋلىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان زاتلارنى "شەرقى تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرى" دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتا ئىزچىل "قاتتىق باستۇرۇش" تىن ئىبارەت مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ تەڭرىتاغ ئاخبارات تورىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشى ئۇزۇن مەزگىللىك، كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، " شىنجاڭ" مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتا دائىم قاتتىق زەربە بېرىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش پوزىتسىيىسىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك ئىكەن.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلىرى ، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ " دوپپىسىنى ئەپكەل دېسە بېشىنى كېسىپ كىلىدىغان " بۇ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارىماقتا . (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.