11 تۈمەن خىتاي پاختىكار ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىقتى

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 26 - ئاۋغۇست خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گەنسۇ، سەنشى، سىچۈەن، خېنەن قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 11 تۈمەن خىتاي پاختىكارلار، لەنجۇ پويىز ئىستانسىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىقىشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.26

  خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېۋەزلىكلىرىگە پەسىللىك ئىشلەمچىلىككە كېلىدىغان خىتاي ئاققۇنلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىگە قاتنايدىغان پويىز تۆمۈر يول لېنىيىلىرىگە " پاختا تەرگۈچى قوشۇن" نامىدا مەخسۇس پويىز ۋاگونلىرىنى ئاجراتقان.

خەۋەرگە قارىغاندا خىتاي پەسىللىك پاختىكارلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىش يۇقىرى دولقۇنى 25 - سېنتەبىر ئەتراپىدا باشلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرغاندىن بۇيان بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ كۆپ قىسىم كېۋەزلىكلىرىگە ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە كېۋەز تېرىيدىغان ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نەچچە يۈز مىڭلاپ پەسىللىك ئىشچىلارنى يۆتكىمەكتە. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كېۋەز تېرىشتىن تاپىدىغان ئايلىق كىرىمى ئۈچ مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولماقتا.

خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئەمگەك مۇلازىمەت تارماقلىرى يېقىندا بۇ يىل بىڭتۇەننىڭ 600 مىڭ ئەتراپىدا كېۋەز تەرگۈچى ئىشلەمچىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. كېۋەز يىغىش ئۈچۈن پەسىللىك ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئاز بىر قىسمىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ خوتەن، قەشقەر، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىن قوبۇل قىلىدىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا خىتاينىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە ئۇيغۇرلارنى ھەر يىلى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىگە كېۋەز تېرىشقا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىدەك كىرىم قىلالمايدىكەن. ھەتتا، بەزىلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى بەش يۈز يۈەنگىمۇ يەتمەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.